تۇغۇلغان كۈنۈڭگە بولسۇن مۇبارەك!
(بۇ شېئىرىمنى ئوماق ئىككى ئوغلۇمنىڭ كۆيۈمچان ھەم مەسئۇلىيەتچان ئانىسى بولغان قەدىرلىك ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.)
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە بۇلسۇن مۇبارەك،
ۋاپانىڭ تەپتىدە ئېچىلغان گۈلۈم.
سېنىڭدە مۇجەسسەم ئەخلاق-پەزىلەت،
قەلبىڭدە بىزلەرگە بىھېساب كۆيۈم.
بەختىمنىڭ دالاسى، خۇشبۇي ھاۋاسى،
سىنىڭدىن نۇر ئېلىپ ياشنىدى ھامان.
قول تۇتۇپ يول ئالغان ئۇزۇن سەپەردە،
سەن ماڭا يار-يۆلەك، بېرىسەن دەرمان.
باسسمۇ يەلكەڭنى شۇنچە ئېغىر يۈك،
...
لوپنۇر مەدەنىيتى
(مەزكۇر تېما ”سىرلىق“ناملىق تورداشنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن،قايسى توربەتتىن ساقلىۋالغانلىقىم ئىسىمدە يوق.شۇنداق بولسىمۇ،لوپنۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچىلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم)
لوپنۇرلۇقلار
لوپنۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپلا كۆنچى دەرياسى شۇنداقلا تارىم ۋادىسىدىكى ئوسمان دەرياسى ئەتىراپىدا تارقاق ھالەتتە ياشاپ ئۆتكەن خەلق بولۇپ ، كىيىن سۇ يوللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇپراقنىڭ قورغاقلىشىشىدىن توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھا...
ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار
(بۇ شېئىرىمنى سۇيۈملۈك ھەم مىھرىبان ئانامنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بايرىمىغا،شۇنداق ئانام قاتارىدىكى بارلىق جاپاكەش مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)
بۈشۈكنى ،دۇنيانى تەۋرەتەر تەڭلا،
ئانا بوپ ئاتالغان شۇ كۈندىن باشلاپ.
چېھرىدە تەبەسسۇم،دىلىدا مىھىر،
كۆزىدە ئىللىق نۇر قۇياشتەك چاقناپ.
كىم يەنە ئۇنىڭدەك بولالار قەيسەر؟
ئاچچىق بىر ئازابتىن ئەمدىلا توختاپ.
كىم يەنە بىر ئۆمۈر ئۆتەلەر شۇنداق،
يۈرەكنى يۈرەككە مننەتسىز باغلاپ.
...
لوپنۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى
توپلاپ رەتلىگۈچى يازغۇچىلار تورىدىن جەۋلان55
( كىرىش سۆز ئورنىدا)
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى — ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ، تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۇيغۇر فولىكلور تەتقىقات ساھەسىدە بىر مەرۋايىت بولۇپ چاقناپ تۇرماقتا .
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولوسىمۇ ، ب...
لوپنۇرلۇقلار ۋە لوپنۇر دىئالېكىتدىكى بىر قىسىم شېۋە سۆزلىرى توغرىسىدا
ئەلى ئەمەت
(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر كەسپىنىڭ 2008- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ. ئككىنچى قىسمى بولسا لوپنۇر دىئالېكتىغا تەۋە بولۇپ ، بۇنىڭدا دىئالېكت تەتقىقات كىتابلىرىدىكى ئىزاھاتى كەم بولۇپ قالغان بىر قىسىم سۆزلەرگە تولۇقلىما ئىزاھات بېرىش بىلەن بىرگە، لوپنۇر...
«ئىز» رومانىدا ئىشلىتىلگەن كونا سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رۇلى توغرىسىدا
سەمەت مۇھەممەدئىمىن تىلچىن
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى تەسىۋىرلىگەن «ئىز» ناملىق رومانى دەسلەپ 1984-يىلى نەشر قىلىنغان، بۇ رومان ئاساسلىقى تۆمۈر خەلپە قۇزغىلىڭىنىڭ باشلىنىش، راۋاجلىنىش، مەغلۇب بۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى ئاساسىي لىنىيە قىلغان. بۇ روماندا گەرچە يازغۇچى كېيىنكى دەۋردىكى ئىزدىنىشى ئارقىلىق بۇرۇنقى تارىخىي ۋەقەلىكنى ئەدەبىي شەكىلدە يۇرۇتقان بولسىمۇ، روم...
ئۈچ خىل تىپتىكى ئاتا-ئانا
بىزدە ”مائارىپ ئىشلىرى ئائىلە،مەكتەپ ۋە جەمىيەت زىچ بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ“دېگەن كۆز قاراش شەكىللەنگىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاۋال تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىمىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەرياندا، بىز ئوخشىمىغان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچىرشىمىز. ئاتا-ئانىلار بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە بولغان كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ...
ئالدىنقى قېتىملاردا ”1873-يىلىدىكى يەركەن“ ناملىق سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلانغان ئىدۇق.بۈگۈن شۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
ئوردىدىكى يۈز بېشى، دادخاھ ئەمىرى قاتارلىق كىشىلەر
ئوردىدىكى يۈز بېشى ،داداخاھ ئەمىرى قاتارلىق كىشىلەر
يەركەندىكى يود كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر
ياغاچچى
يەركەن ئوردىسىدىكى سوت مەيدانى
ئىككى يەرلىك كىشى
يەركەندىكى توڭگان ئاھالىلىرى
ئەمىرنىڭ توڭگان چېرىكلىرى
ئەمىرنىڭ توڭگان چېرىكلىرى
ئەمىرنىڭ توڭگان چېرىكلىرى
كوچىدى...
”1873-يىلىدىكى يەركەن“تېمىسىدىكى سۈرەتلەرنىڭ داۋامى بۈگۈن ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
يەركەندىكى ناسۋال ۋە تاماكا دۇكىنى
ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى
ئىگەر ياسىغۇچى
ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ قەشقەر ئەمىرىگە ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرى
مىرشاب ۋە ئۇزۇن كاناي چالغۇچىلار
كونسۇلخانىنىڭ شىپاخانىسىغا كەلگەن بىمارلار
1873-يىلى كابۇلغا ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر
كوچىدىكى ئەپىيۇن چەككۈچىلەر
يەركەندىكى دادخاھتا(سوت مەھكىمىسى)خىزمەت قىلىدىغانلار
يەركەنلىك مۇزىكانتلار
مۇس...
شىڭ پىڭ ئۆستىڭىنىڭ ھازىرقى ناھىيە ئىچىدىكى ئارامگاھ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن قىسمى
شىڭ پىڭ ئۆستىڭى – كورلا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيسىنى تۇتاشتۇرۇپ چېپىلغان ئۆستەڭ بولۇپ ، ئۇ چېپىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چىن سۇلالسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ، گۇمىنداڭ دەۋرى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى دەۋرى قاتارلىق ئۈچ دەۋىرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۇزدى . ئۇنىڭدىن لوپنۇر – كورلا خەلقى تارىختىن بۇيان ئورتاق پايدىلىنىپ كەلدى . ئۇ بۇ ئىككى ئۇزۇن ئىگىلىگىنىڭ گۇللەپ تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى .
شىڭ پىڭ ...