شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى توغرسىدا

شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى توغرسىدا

 

ئابدۇخېلىل راخمان

 

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنغا مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە سىتاستىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، تارقىلىشى، ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى مەسىللەر يورىتىلىپ بېرىلدى.

 

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ، ئىسلام دىنى ، يەر ناملىرى

 

ئىسلام دىنى – دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى . يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرپىدىن مىلادىيە 7-ئەسىرنىنڭ باشلىرىدا بەرپا قىلىنغان دىن. بۇ دىن ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدا كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىسلام دىنىڭ ئەخلاق ھۆكۈملىرى، ئەمەلىي ھۆكۈملىرى ۋە ئېتىقاد ھۆكۈملىرى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ ، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايۇنلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىگە خاس ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان مەدەنىيەت قاتلىمنى شەكىللەندۈرگەن.« ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزىم چۈشەنچىلىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن ، بەلكى پۈتكۇل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى – ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى بىلەن خارەكتىرلەنگەن. بۇ ئىككى نوقتىنى ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىر يۇقىرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس ، بەلكى پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى ، شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىركى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يوقىرراق سېنىكىرىتىك قاتلامدىكى دىنى مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ‹1›».«ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشى ئىران،تاجىك تىپىدىكى سامانىيلار سۇلالىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قۇبۇل قىلىشىنىڭ مۇققەددىمىسى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى‹2›». شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىزلىرى- ئىمان، ناماز ، روزا ، ئۆشىرە-زاكات، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئېتىقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىشىپ غايەت زور دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى‹3›». «ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن قاراشلىرى ئىلگىركى ئىجابىي ، ئەنئەنىۋى قاراشلار بىلەن قوشۇلۇپ تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى‹4›». «ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقە – شەيخۇلئسلام ، ھەردەرىجىلىك قازى مۇپتىلار ، ھەردەرىجىلىك جامە-مەسچىت ئىماملىرى ، مەزىنلەر ، مازار-مەشايىخ شەيىخلىرى، دىنىي مەدىرىس – مەكتەپ مۇددەرىس ئۆلىمالىرى، دىنىي ئىلىم بويىچە ھەردەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلدى‹5›». «ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە ،يۇرت مەھەللە ، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى . ئوردا– قەسىر ، جامائەت-مەسچىت ، مەقبەرە ، قەبرە-گۈمبەزلەرنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخىللىرىنى قۇبۇل قىلدى‹6›». «ئەرەپ يېزىقى تەدىرىجى ھالدا ئۇيغۇر يېزىق شەكلى بولۇپ قالدى ، ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەرەپچە سۆزلۈكلەر بىلەن مەلۇم سالماقتا پارس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇرتىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى‹7›». ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بۇ سۆزلەر ئەۋلاتلىرىمىز لۇغەت ئاختۇرمىسا قايسىسى ئۇيغۇرچە ،قايسىسى ئەرەپچە ،پارسچە ئىكەنلىگىنى پەرقلەندۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلىغا سىڭپ كەتتى . دىمەك ، ئىسلام دىنىي ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى كۆرسەتتى . بىز ماقالىنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئالغان يەر ناملىرىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇخىل تەسىرنىڭ سىرتىدا قالمىدى ئەلۋەتتە . تۆۋەندە مەن شىنجاڭدىكى ، ئىسلام دىننڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم يەر ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

يەر ناملىرى بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرشىنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ، قەدىمدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائى پائالىيىتىنىڭ تەرەقىياتى داۋامىدا ،بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىيەسى ،ئىقتىسادى، مىللىي سىياسىتى ، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئاخپاراتچىلىق ئىشلىرىدا موھىم رول ئويناپ كەلگەن دۇنياۋىي سەنئەتكە ئىگە مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.

يەرناملىرى پەيدا بولۇشتىن تارتىپ تاكى تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش باسقۇچىغا قەدەر دىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ھەر خىل سىرلىق مەزمۇن قاراشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى دىن يىراق قەدىمكى دەۋىردىن بۇيان يەر ناملىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ناھايىتى موھىم رول ئويناپ كەلدى. لىكىن دىن تارىختىن بۇيان دەۋىر قىلىپ تۇرغان مەدەنىيەت ھادىسسسى بولغاچقا ، ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان دىنىي قاراش ۋە دىنىي تەلىماتلار شۇنىڭدەك ، دىننىڭ شەكلى ، خارەكتىرى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى چوڭ-چوڭ پەرقلەرنىڭ پەيدا بولىشى سەۋەبىدىن دىننى پاسىل ھاسىل قىلغان تارىخىي دەۋىرلەردىكى يەر ناملىرىنىڭ شەكلى، مەزمۇنى، دائىرسىمۇ ئوخشاش بولماي قالدى. بۇنىڭ بىلەن يەر ناملىرنىڭ دىن چەمبىرىكى ئاستىدىكى شەكىل، مەنە، دائىرە، مەزمۇن جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى كېلىپ چىقتى. شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرناملىرى ئەنە شۇنداق ئىسلام دىنىي مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئاستىدىكى شەكىل، مەنە،دائىرە، مەزمۇن جەھەتتىن باشقا دەۋىرلەردىكى ھەر قايسى دىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە موھىم رول ئويناپ كەلدى . شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. يەنى، دىنىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرناملىرى ، دىنىي ئەمەل-مەنسەپ، دەرىجە-ئۈنۋان ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى ۋە دىنىي رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرناملىرىدىن ئىبارەت.

  1. 1.      دىنىي ئۆرپ – ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر ناملىرى

بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئاساسلىقى ئىسلام دىننىڭ ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە ئەمەلىي ھۆكۈملىرىنى ئىجىرا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ،مۇراسىملار، قائىدە-رەسىملەر ۋە ئۇلارنى ئىجىرا قىلىدىغان ، ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ، مەيدانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭدىكى دىنىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر ناملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1)         مەسچىت

مەسچىت- مۇسۇلمانلارنىڭ جەم بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان جاي، ئىبادەتخانا. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىش سورۇنى بولغاچقا، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە مۇققەددەس جاي دەپ قارىلىدۇ . شۇڭىلاشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردە مەيلى يۇرۈش-تۇرۇش ،سۆز- ھەرىكەتلەردە بولسۇن مەسچىت ھەققىدە تىل ۋە ھەرىكەت پەرھىزلىرى شەكىللەنگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ ھەم شۇنداق . ئەنە شۇنداق بولغانلىقتىن ،ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مۇققەددەس دەپ قارىغان جايلارنى ، مەسچىتلەر ئورۇنلاشقان يەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى يەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي چۈشەنچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇ سۆز بىلەن ئاتىغان. مەسىلەن : مەسچىت (باي، كەنت) ، مەسچىتدۆڭ (يەكەن،كەنت) ، مەسچىتكېرەم (يەكەن،كەنت ) ، مەسچىت ئالدى (ئاقسۇ كونا شەھەر،كەنت ) ، تاختامەسچىت (قەشقەر،كوچا )، تېتىر مەسچىت (پەيزىۋات،كەنت ) ، سالامەسچىت (ئۈرۈمچى،كوچا ) ، قارياغاچ مەسچىت (توقسۇ،مەھەللە) ، كۆكمەسچىت غوجام (قەشقەر كونا شەھەر،كەنت ) ، كۆتەمە مەسچىت (قەشقەر يېڭى شەھەر،كەنت ) ، ھويلا مەسچىت (قەشقەر كونا شەھەر،مەھەللە ) ، ئازنا مەسچىت (قەشقەر يېڭى شەھەر،كەنت ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2)           مازار

مازار ئەرەپچە سۆز بولۇپ ، «زىيارەت قىلىش»،«يوقلاش»دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئىستىمال مەنىسىدە بولسا ، بۇ سۆز «زاراتگاھلىق»، «قەبرىستانلىق»، «تۇپراق بىشى»مەنىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تۇپراق بېشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە خېلى بۇرۇنلا مازارغا تىۋىنىش ، مازارنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئادەتلەر كېلىپ چىققان. مازارغا تىۋىنىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرقەدەر كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە. بولۇپمۇ ، جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ، بۇ خىل ئادەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادقا ئائىت تۇرمۇشىنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. كىشىلەر مازارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى ، مۈشكۈلاتلىرىنى يېنىكلىتىشىنى ھاياتلىقتا ئۆتكۈزگەن سەۋنلىكلىرىنى كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان . بىمارلار كېسەلگە سەۋەپ ، ياش قىز-ئوغۇللار ئۆزلىرىگە جورا ، قولى قىسقىلار بايلىق ئىزدەپ مازارلارنى تاۋاپ قىلغان ۋە ھەرخىل مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن . مازار دەرتمەنلەرنىڭ دەردىنى ئېيتىدىغان ، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يولۇققاندا تەسەللىي تاپىدىغان ، ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە كېسەل داۋالىيالايدىغان ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ، روھنى پاكلايدىغان جۈملىدىن كۆڭۈل ئاچىدىغان ، ئۇچۇر ئالماشتۇردىغان موھىم سورۇنغا ئايلانغان . شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر قاتتىق ئىسسىق ، قەھرىتان سوغۇقلاردا ئۇزۇن ، خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ مازارلارغا يول ئالغان ، ھەتتا بەزىلەر بىر قىسىم داڭلىق مازارلارنى مەككە بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقان . مازار ئۇيغۇرلارنى نەزىرىدە ئەنە شۇنداق موھىم ھەم مۇققەددەس جاي بولغانلىقتىن خاس مازارلار ئۇيغۇرلار رايۇنىدا كۆپ بولۇشتىن تاشقىرى ،«مازار» نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن يەرناملىرىمۇ شەكىللەنگەن ھەم شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن . دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىدا خاس ئۇيغۇر مازارلىرىدىنلا جەمئىي 80 نەچچە مازار كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يېزا، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىغىمۇ «مازار» سۆزىنى قوشۇپ ياسىغان يەر ناملىرىدىن جەمئىي 50 نەچچىسى بار.مەسىلەن: مازار(مەكىت، كەنت ) ، مازار ئېقىن (قاراشەھەر، كەنت)، مازار كال (تاشقورغان، كەنت)،مازارقىشلاق (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت) مازارقۇم (پەيزىۋات، كەنت)، مازارلىق (چاقىلىق، كۆل)،مازار مەھەللىسى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت )، مازارتاش (چىرا)، مازارتوغىراق(قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت) ،مازارئۆستەڭ (كىرىيە، كەنت )، مازار ئايلا (قارىقاش،  كەنت)، مازارئېرىق (قاغىلىق، كەنت)، مازارباغ (كۇچا،كەنت)، مازاربېشى (مارالبېشى، كەنت)، مازاربوي (ئاقسۇكوناشەھەر)، مازىرىم (ئۇلۇغچات، كەنت)، مازاردۆڭ (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، مازار پۇتان (كۇچا، كەنت)،مازار ئورۇ (ئاقتۇ، كەنت)، ئاقتاممازار (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)،ئارامازار(قارىقاش، كەنت)، باشمازارقۇم (پەيزىۋات، كەنت)، گۈلئاتامازار (باي،  كەنت)، جايمازار(قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، چىغلىقمازار (غۇلجاناھىيىسى، كەنت)، توغراقمازار (قارىقاش،  كەنت)، دۆڭمازار (غۇلجاناھىيىسى، كەنت) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

3)            خانىقا

خانىقا سۆزى پارىسچە سۆز بولۇپ بىرىنچىدىن، ئىشان-سوپىلارنىڭ توپلۇشۇپ بىرلىكتە زىكىرگە چۈشىدىغان ، زىكىر ئىبادەت قىلىدىغان جايى. ئىككىنچىدىن، بىر قېتىمدا كۆپىرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ سېلىنغان چوڭ مەسچىت. ئۈچىنچىدىن، چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقىلىدىغان، ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسىنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك، خانىقا سۆزى مەنىسىدىنلا بىلىنىپ تۇرىدىكى«مەسچىت»، «مازار» سۆزلىرىگە ئوخشاشلا دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان موھىم سورۇنلارنىڭ بىرى. شۇڭا، بۇخىل سۆز بىلەن كەلگەن يەرناملىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن: خانىقا (قەشقەر يېڭىشەھەر، مەھەللە) خانىقا ئېرىق (توقسۇ، مەھەللە)، خانىقا دەرۋازا (يەكەن، كەنت)، خانىقا مەھەللىسى (قەشقەر يېڭىشەھەر، مەھەللە)، خانىقا تام (كۇچا، يېزا)، خانىقا تۈگمەن (قەشقەر يېڭى شەھەر،كەنت)، چوڭخانىقا (گۇما،  مەھەللە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

4)       ئىسلام

ئىسلام ئەرەپچە سۆز بولۇپ ئىسلام دىنغا كىرىش ، مۇسۇلمان بولۇش ، مۇسۇلمانچىلىق دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام ھەم يەنە ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىدىغان مۇققەددەس دىننىڭ نامى بولغاچقا، كىشلەر بۇسۆزنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ،ئۇلۇغلايدۇ. ئۇنى پەرزەنتلىرىگە قويۇش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ بەخىت – سائادىتىنى تىلەيدۇ، ھەم پەرزەنتلىرىنڭ مۇشۇ ئىسىمنىڭ خاسىيتى بىلەن پىشانىسىنىڭ ئوڭ بولىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلارغىمۇ مۇشۇ خىل سۆز بىلەن كەلگەن ناملارنى بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىشەنچ- ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: ئىسلامئاۋات(خوتەن ناھىيىسى،يېزا)،ئىسلامكېمە(پەيزىۋات،كەنت)،ئىسلاميۈزى(غۇلجاناھىيىسى،كەنت)قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇخىل يەرناملىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكرار- تەكرار ئۇچىرايدۇ.

5)       ھالال

ھالال ئىسلام دىنىي شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە، شەرىئەت ھۆكۈمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، يىگىلى، ئىچكىلى، پايدىلانغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.شۇنداق بولغاچقا، ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بۇ قائىدىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرتىلىدا بۇ سۆزنىڭ يوقارقى مەنىلىرىدىن كېڭىيىپ چىققان نۇرغۇن مەنىلىرى بار . مەسلەن: قىڭغىر يولدا ماڭمايدىغان، باشقىلارنى ئالدىمايدىغان ، پاك ، سەمىمى ، ھەق – توغرا، مۇۋاپىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار مۇشۇ خىل چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا يەنە بەزى يەر ناملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن: ھالال (يۇپۇرغا، كەنت)، ھالالباغ (خوتەن ناھىيسى، كەنت)، ھالاللىق (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

   يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەنلەر شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ جايلاردا دائىم ئۇچىرايدىغان يەرناملىرىدۇر. بۇلاردىن باشقا يەنە شىنجاڭدا ئەزەن، ئازنا، ناماز، رامزان، شەيتان قاتارلىق دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرناملىرىمۇ ئۇچىرايدۇ. مەسلەن: ئازنابازار (توقسۇ، كەنت)، ئەزانخانا (كىرىيە، كەنت)، خانناماز (مەكىت، كەنت)، جۈمەبازا (قارىقاش، كەنت)، رامزانباغ (قاغىلىق، كەنت)، شەيتەنكارلىق (قەشقەر يېڭى شەھەر،كەنت)،  شەيتانكۆل (مارالبېشى، كەنت) لەردىن ئىبارەت.

  1. 2.             دىنىي ئەمەل-مەنسەپ، دەرىجە-ئۈنۋان ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى

ئىسلامىيەتتىن كىيىن، ئۇيغۇرلار ئەرەپ ، پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن شۇ تىللاردىكى بىر مۇنچە دىنىي ئەمەل – مەرتىۋە ناملىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەھكىمە شەرئىي ۋە باشقا دىنىي ساھەلەر مەۋجۈت بولغان مەزگىللەردە بەزى ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى ئىشلىتىلگەنىدى. بۇ خىل ناملار كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي زاتلار، دىنىي ئۆلىمالار، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۆتىۋەرلەر ۋە دىنىي مەزھەپلەرگە ۋەكىللىك قىلغۇچى كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئەلۋەتتە بۇخىل ھالەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتپ مۇشۇ ناملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلاردىن ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1)       خەلىپە

خەلىپە ئەرەپچە سۆز بولۇپ ، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي – دىنىي داھىلارنىڭ نامىدۇر. ئۇنىڭ يەنە ئورۇن باسار دېگەن مەنىسىمۇ بار. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا خەلىپە مۇسۇلمان جامەئەسى ۋە مۇسۇلمان تېئوكىراتىك دۆلىتىنىڭ دىنىي ھەم مۈلكىي باشلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەلىپە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئورۇنباسارى ھېسابلانغان ئۇنىڭدىن كىيىنكى تۆت خەلىپە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ تۆت خەلىپە توغرسىدا ئىسلام دىنىي بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇرلار بۇلارنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ، پەرزەنتلىرىگە پەندى-نەسىھەت قىلغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. شىنجاڭدا بۇخىل نام بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن يەر ناملىرىدىن ئاساسلىقى خەلىپە مەھەللىسى(مارالبېشى، مەھەللە)، خەلپەم بۇلىقى (غۇلجا ناھىيسى، بۇلاق)، خەلىپە ئېرىق (كورلا، كەنت)، خەلىپە چۆرگە (لوپ، كەنت)، خەلىپە چۈشۈرگە (لوپ، كەنت)، خەلىپە سايباغ (قارىقاش، كەنت)، خەلىپە سۇڭ (ئاۋات، كەنت)، دول خەلىپە ئېرىق (لوپ، كەنت)، يوقارقى خەلىپە ئېرىق (ئاقسۇ، كەنت) لاردىن ئىبارەت.

2)  ئىمام

ئىمام دېگەن سۆز ئەرەپچە سۆز بولۇپ (1) نامازدا جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازنى باشقۇرغۇچى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىقتىدا قىلدۇرغۇچى دىنىي شەخىس.(2) ئىسلام دىننىڭ ھەرقايسى مەزھەپلىرىدىكى شۇ مەزھەپكە ئاساس سالغۇچىنىڭ ھۆرمەت نامى. (3) ئىسلام دىندىكى ئۆلىما ئالىملارنىڭ ھۆرمەت نامى.(4) ئىسلام پىشۋالىرنىڭ ئۈنۋانى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەيلى شەھەر، مەيلى ناھىيە، مەيلى يېزا ، مەيلى كەنت ھەتتا مەھەلىلەرگىچە كىشلەر تەرىپىدىن ئەڭ ھۆرمەتلىندىغان دىنىي شەخىس ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ياشىغان رايۇنلاردا مۇشۇ خىل كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش يۈزسىدىن مۇشۇ خىل نامنى يەر ناملىرى قىلپ ئىشلەتكەن ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن: ئىمامۇئەپتەر (قارىقاش، كەنت)، ئىماملىرىم (ئۈچتۇرپان،يېزا)، ئىمامبۇلاق (بۈگۈر، بۇلاق)، ئىمام مەھەللە (يېڭسار، كەنت)، دوتەي ئىمام (ئاقسۇ كونا شەھەر، كوچا) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

3)             داموللا، موللا

دىنىي مەكتەپ ۋە مەدىرىسلەردە تالىپلارنى ئوقۇتىدىغان شەخىس ، دىن ۋە شەرىئەت پىشۋاسى، دىني ئىلمىي مول ۋە چوڭقۇر كىشى. موللا دىنىي مەكتەپلاردە ئوقۇپ ئىسلام دىنىي بىلىملىرى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيگە يەتكەن كىشى، ئىسلام دىنىي ئەربابى، كىشلەرگە دىنىي تەلىم بەرگۈچى، ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى ئۆگەتكۈچى كىشىنى كۆرسىتىدۇ. داموللا بىلەن موللا ھەر ئىككىلىسى دىنىي جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئەمما ئىشلىتىلگەندە ئازىراق پەرقى بار. يەنى، داموللا موللىغا قارىغاندا دەرىجىسى بىر ئاز يوقىرى بولغان دىنىي ئۆلىمالارنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر ئىككىسلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ئىگە كىشلەردۇر. بۇ خىل نام بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرىدىن ئاساسلىقى داموللا ھاجىم (مارالبېشى، مەھەللە)، داموللا جاڭگىلى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، موللا خالى (مارالبېشى، مەھەللە)، موللا قۇم (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، موللامبېغى (قەشقەر كونىشەھەر، كەنت)، موللادۆلەتھاجى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت) لار بار.

4)           ھاجى

ھاجى ئەرەپچە سۆز بولۇپ ، ھەجگە بارغان يەنى ئىسلام دىندا ئەڭ مۇققەددەس ھېساپلانغان كەئىبەنى زىيارەت قىلغان كىشىگە بېرىلىدىغان نام. ئىسلام ئەنئەنىسىدە ھەج قىلغان ئادەمنىڭ «ھاجى» سۆزى قوشۇپ ئېيتىلىدۇ. قىسمەن ھاللاردا كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغىمۇ قويىلىدۇ. مەيلى ھەج قىلىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىغا قويۇلسۇن، مەيلى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. ئوخشاشلا كىشلەرنىڭ شۇ خىلدىكى كىشلەرگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭا بۇخىل نام بىلەن كەلگەن يەر ناملىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن: ھاجىئاۋات (مەكىت، كەنت)،ھاجىئېغىل (قارىقاش، كەنت)، ھاجىئېقىن (مارالبېشى، كەنت)، ھاجى قۇم (مەكىت)، ھاجى ساي (سانجى)، ھاجىناجى (كۇچا)، ھاجىيۇلغۇن (پىچان) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

5)   خوجە

خوجە ئەسلى پارىسچە سۆز بولۇپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا «خوجا» دەپ ئومۇمىيلاشقان. ئۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان ئىمتىيازلىق تەبىقە بولۇپ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «خوجايىن»، «ساھىب» دىگەنلىكتۇر.(قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى ، 71-بەت) ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ 480-بېتىدە بۇسۆز تارىخىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان (1) شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەلۇم ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى (2) بەگ، باي دېگەن مەنىدە ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىش شەكلى (3) بىر كىمنىڭ ياكى بىر نەرسىنىڭ ئىگىسى (4) ئەرلەرنىڭ ئىسمى . بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇقارقى مەنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىندا ئېيتىلىدىغان ئىمتىيازلىق تەبىقە «خوجە» دىن كەلگەن. 14-ئەسىردىن باشلاپ ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان خوجىلار شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام سوپىزىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك تارمىقى ئىشانچىلىق مەزھىپىنىڭ داڭلىق دىنىي رەھبەرلىرى ئىدى. خوجىلار شىنجاڭدا دىنىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە سىياسىي ھاكىمىيەتكىمۇ ئارلىشىپ ، بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ چوقۇنۇش ئوبىكتىغا ئايلانغان . ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ھايات خوجىلارغا چوقۇنۇپلا قالماي ، ھەتتا ئۆلگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مازارلىرىغىمۇ چوقۇنغان . بۇ خىل چوقۇنۇش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەزى جايلاردا تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭىلاشقا ، ئەينى ۋاقىتتا كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ خوجىلارغا بولغان ھۆرمىتى ، ئشەنچ-ئېتىقادلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خوجىلار تۇرغان ، ئاساسلىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان يەرلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن جايلارنى مۇشۇخىل ناملار بىلەن ئاتىغان . بۇ خىل ئاتاش ئەينى دەۋىرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ خىل يەر ناملىرىدىن ئاساسلىقى  خوجىلا (قەشقەر كونىشەھەر، كەنت)، خوجائاۋات (مارالبېشى، كەنت)، خوجائېرىق (يەكەن، كەنت)، خوجاباغ (ئاقتۇ)،  خوجاقىشلاق (باي، كەنت)،  خوجاساي (جىمنەي) قاتارلىقلار بار. 

6)   سوپى

سوپى ئەرەپچە سۆز بولۇپ سوپىلىق تەرىقىتىگە مەنسۈپ كىشى، مۇرد( قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى، 104-بەت)، ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە سوپىزىم يولىنى تۇتقان كىشى، ياخشى-يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەن ، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى توختاتقان كىشى ( ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى،630-بەت) بولۇپ، دىنىي ناملار ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدىغان نامدۇر. بۇ نام گەرچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى نام بولسىمۇ ئەمما ،ئەينى ۋاقىتتا سان جەھەتتىن ئەڭ كۆپ بولغان نامدۇر. شۇڭا بۇ خىل سۆز بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرىمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن: سوپىلا (يەكەن، كەنت)، سوپىمەھەللىسى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، سوپىئېرىق (يەكەن، كەنت)، سوپىبەگ(مارالبېشى، كەنت)، سوپى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، سوپۇلا (يەكەن، كەنت)، ئاقسۇپى (لوپنۇر، يېزا) قاتارلقلادىن ئىبارەت.

7)           شەيىخ

ئەرەپچە سۆز بولۇپ (1) ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىلىملىك كىشىلەر ، ئالىملار، ئۆلىمالار ، ۋە دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇددەرسلىرىگە بېرىلىدىغان ئۈنۋان.(2) تەرىقەت خانىقاسىنىڭ باش دەرۋىشى (3) مازار، زىيارەتگاھ قاتارلىقلاردا ئەۋلىيالارغا ، خۇدا يولىدا ئاتالغان سەدىقە ۋە نەزىر-نىيازلار ھېسابىغا ياشايدىغان كىشى، مازارغا قارىغۇچى.(4) تەييارتاپ دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. بۇخىل سۆز بىلەن كەلگەن يەر ناملىرىدىن شېيېخ (ماناس، كەنت)، شەيىخ توقاي (باي، كەنت)،  شەيىخ توقاي مەھەللىسى (باي، كەنت)، شېيىخھويلا (پەيزىۋات، كەنت)، شەيىخلا (يەكەن، كەنت) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

      يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن مۇشۇ تۈرگە كىرىدىغان يەر ناملىرىدىن يەنە ئاخۇن، ئىشان ، شىھىت، غازى، قارى قاتارلىق سۆزلەر بىلەن كەلگەن يەرناملىرىمۇ بار. مەسىلەن: ئاخۇنئېرىق (كىرىيە، كەنت)، ئاخۇنھويلىسى (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)،ئاخۇنلۇقۇم (يۇپۇرغا، كەنت)، قارىخانا (يەكەن، كەنت)، ئىشانبېغى (چۆچەك)، غازىقوغۇن (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، شىھىتلىرىم (قەشقەر يېڭىشەھەر، كەنت)، شىيىتدۆڭ (مەكىت، كەنت) قاتارلىقلار بار.

3.  دىنىي رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى.

يەر ناملىرىغا ئائىت رىۋايەتلەر ئىچىدە قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئىدىلوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ. چۈنكى،ھەر قانداق مىللەت زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كىتەلمىگەن بولغاچقا،ئۇلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېدىلوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلار تەبىئىي چوڭقۇر يىلتىز تارتقان . ئۇيغۇر تىلىدىكى يەر ناملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىي شىنجاڭغا تارقالغان ئەڭ ئاخىرقى دىن بولغانلىقى بىلەن باشقا دىنلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھازىرقى يەر ناملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. شۇڭا يەر ناملىرىغا ئائىت رىۋايەتلەدە ئىسلام دىنغا ئائىت مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىي تارقىتىش يولىدىكى، قانلىق كۆرەشلەر ، ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى ۋە شۇنىڭغا دائىر ئۆرپ-ئادەتلەر، دىنىي ، پەلسەپىۋى قاراشلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ، بۇنداق رىۋايەتلەردە ۋەقە ھادىسلەردىن باشقا تارىخىي شەخىسلەنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . يەنە بۇخىلدىكى رىۋايەتلەردە مەشھۇر شەخىس، ئەۋلىيا-ئەنبىيا، غازاتچى، موللا ئىمام ۋە خان-غوجاملارنىڭ قەبرىگاھ مازارلىرى توغىرسىدا موھىم ئۇچۇرلار بار. بۇخىلدىكى يەر ناملىرىنى مەزمۇنىغا ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئاساسەن ، ئىسلام رىۋايەتلىرىدىن بىۋاستە كېلىپ چىققان ھەم شۇ جاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىلىك قىلالايدىغان يەر ناملىرى ۋە ئىسلام رىۋايەتلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشى بار، ئەمما شۇ جاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىلىك قىلالمايدىغان يەر ناملىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

1)     ئىسلام رىۋايەتلىرىدىن بىۋاستە كېلىپ چىققان ھەم شۇ جاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىلىك قىلالايدىغان يەر ناملىرى

بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىغا ئاساسلىقى قورغاس ناھىيەسىدىكى ئەزەندۆڭ،ئاتۇش شەھرىدىكى مەشەتلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

قورغاس ناھىيسىدىكى ئەزەندۆڭ دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت بار.  مىرزا مۇھەممەدىەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى»دىكى بايانلارغا قارىغاندا ، تۇغلۇق تۆمۈرخان خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇشتىن بىر يىل بۇرۇن ئاقسۇدىكى ئايكۆل دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتتا مەۋلانە شەيىخ جامالىدىن كىتىكىگە خانلىق تەخىتكە ئولتۇرغاندا، ئىسلام دىنغا كىرىشكە ۋەدە بەرگەن . ئەمما مەۋلانە شەيىخ جامالىدىن كىتىكى غۇلجىدىكى ئالمالىق شەھرىدە خانلىق تەخىتكە ئولتۇرغان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ يېنىغا ۋاقتىدا بارالماي، كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلىپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئالمالىق شەھرىگە بېرىپ خان بىلەن كۆرۈشەلمەي خان چېدىرىغا يېقىن ئارلىقتىكى بىر دۆڭلۈكتە ھەر كۈنى سەھەر ئەزەن ئېيتقان ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . شۇنىڭدىن بۇيان بۇ دۆڭ ئاۋام ئارىسىدا «ئەزەن دۆڭ » دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

مەشەت توغىرسىدا قارخانلارنىڭ تۈنجى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، بۇددىست تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ. ھەمدە ئىسلام دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بۇددىست ئۇيغۇرلارنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قانلىق جەڭ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قانلىق جەڭدە شىھىد بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان . شۇڭا،بۇ يەر «مەشھەت ( شىھىتلىك) »دەپ ئۇلۇغلىنىپ، مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى دەپ تونۇلغان. مانا بۇ رىۋايەتلەر مۇشۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان رىۋايەتلەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تارىخىي ئاساسى بار ھەم ئوخشىمىغان تارىخى كىتاپلاردا خاتىرلەپ قالدۇرۇلغان. شۇڭىلاشقا ئۇلار بۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۇشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

2)            ئىسلام رىۋايەتلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشى بار، ئەمما شۇ جاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىلىك قىلالمايدىغان يەر ناملىرى

بۇ خىلدىكى يەر ناملىرىغا خوتەندىكى گۇما، پىچاندىكى چىىقتىم ناملىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. خوتەندىكى گۇما ناھىيىسى توغىرسىدا مۇنداق رىۋايەت بار. رېۋايەت قىلىنىشچە، ئۇلۇغلىرىمىز خوتەن تەرەپتىن چىقىپ ھەممە جايلارغا بېرىپتۇ. ھەر قايسى يۇرتتىكىلەر ئۇلۇغلارنى سوۋغا سالام بىلەن كۈتىۋاپتۇ. ئۇلۇغلارئۇلارنىڭ ھەممىسىگە نام بېرىپتۇ. ئۇلۇغلار ھازىرقى گۇمىغا كەلگەندە يەرلىك خەلقلەر « ئۇلار بۇ جايغا نىمىشقا كەلگەندۇ» دەپ گۇمان قىلىشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغلار « بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى گۇمانخور ئىكەن ، شۇڭا بۇيەرنى گۇمان دېسەك بولغۇدەك دەپتۇ». «گۇمان» دېگەن سۆز كىيىنچە « گۇما» غا ئۆزگىرىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا پىچاندىكى «چىقتىم» نامى توغىرسىدا تۇرپانغا بىر دىن تارقاتقۇچى ئىسلام ئەۋلىياسى كېلىپ دىن تارقاتقاندا ، بۇددىست ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئالغان، كىشلەر ئۇنى ئىزدەپ تاپالمىغاندا ، ئۇ بىر دەمدىلا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نامايەن بولغان . كىشلەر ئۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سورىغاندا « مانا مۇشۇ يەردىن چىقتىم» دېگەن . شۇنىڭدىن بۇيان ، بۇ جاي «چىقتىم» دەپ ئاتالغان.  بۇخىلدىكى يەر ناملىرى پەقەت خەلىقنىڭ ئاغزىدا تارقىلىپ يۇرگەن ئاغزاكىي ھېكايىلەر بولۇپ ، تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرلەنمىگەن ھەم تارىخى ئاساسى يوق بولۇپ ، بۇ خىل يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن بارلىق بايانلىرىمىز شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر ناملىرىنڭ مەزمۇن  شەكىل ۋە خارەكتىر جەھەتتن تۇرگە بۆلۈنىشى ۋە ئۇلارنى قىسقىچە ئالاھىدىلىكىدۇر. ئەمدى بىز تۆۋەندە جەدىۋەل ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر ناملىرىنڭ تارقىلىشى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى.ھازىرغىچەئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 220 بولۇپ تارقىلىشى تۆۋەندىكىچە:

جەدىۋەل(1) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ ۋىلايەت ، ئوبلاستلار بويىچە تارقىلىش ئەھۋالى

ۋىلايەت، ئوبلاست،شەھەر

يەر ناملىرىنىڭ سانى

ئىگەللەيدىغان نسبىتى

قەشقەر ۋىلايىتى

            111

           % 51

خوتەن ۋىلايىتى

             32

          %  15

ئاقسۇ ۋىلايىتى

             31

           % 14

ئېلى ئوبلاستى

             13

            % 5

بايىنغۇلىن ئوبلاستى

             9

            % 4

قىزىلسۇ ئوبلاستى

             8

             %3

تۇرپان ۋىلايىتى

             7

            % 3

سانجى ئوبلاستى

             3

          % 1.5

ئالتاي ۋىلايىتى

             3

          % 1.5

ئۈرۈمچى شەھرى

             2

         %0.07

تارباغتاي ۋىلايىتى

             1

         %0.03

 

جەدىۋەل(2) ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرى ئاساسلىق توپلاشقان ناھىيەلەر

 

ناھىيە

يەرناملىرىنىڭ سانى

ئىگىلەيدىغان نىسبىتى

قەشقەر يېڭىشەھەر

            36

          % 16.3

مارالبېشى ناھىيسى

            15

              % 7

يەكەن ناھىيسى

            14

             %6.3

قەشقەر كونا شەھەر

            12

             %5.4

قاغىلىق ناھىيسى

             9

              % 4

قارىقاش ناھىيسى

             9

              % 4

غۇلجا ناھىيسى

             8

            %3.6

 

جەدىۋەل (3) بۇ خىل يەر ناملىرى تارقىلىش ئاھۋالىنىڭ رايۇنلار بويىچە سېلىشتۇرمىسى

رايۇن

يەر ناملىرىنىڭ سانى

ئىگلەيدىغان نىسبىتى

جەنۇبىي شىنجاڭ

             191

            %87

شىمالىي شىنجاڭ

              29

            %13

 

يوقىردا كۆرسىتىلگەن جەدىۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، جەدىۋەل(1) دە كۆرسىتىلگەندەك قەشقەر، خوتەن ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى بۇخىلدىكى يەر ناملىرى ئەڭ كۆپ ساقلانغان ۋىلايەتلەردۇر. جەدىۋەل (2) دە كۆرسىتلگەندەك بۇ يەتتە ناھىيە بۇخىلدىكى يەر ناملىرى ئەڭ كۆپ ساقلانغان ناھىيەلەر بولۇپ ئۇلار بۇخىلدىكى يەرناملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ%46.6 نى تەشكىل قىلغان. جەدىۋەل (3) تە كۆرسىتىلگەندەك جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى شىنجاڭدىكى بۇخىل يەر ناملىرىنىڭ %87 نى تەشكىل قىلغان . شىمالىي شىنجاڭ رايۇنى بولسا ئاران %13 نى تەشكىل قىلغان . ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ بۇ خىل تەكشىسىز ھالىتى ھەرگىزمۇ تەبىئى ھالدا شەكىللەنگەن ئەمەس. بەلكى ئۇزاق تارىخى دەۋىرنىڭ مۇشۇ رايۇندىكى ئىزناسىنىڭ مەسھۇلىدۇر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى تارىختىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ، ئىسلام دىنىي ئەڭ بۇرۇن ، ئەڭ كەڭ تارقالغان ھەم ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان رايۇن. شىمالىي شىنجاڭ رايۇنىدا بولسا ، ئىسلام دىننىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر تەكشىسىز ھەم مىللەت تەركىبىمۇ بىر ئاز مۇرەككەپ بولغان بۇ ھال تەبىئىي ھالدا بىز يوقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر ناملىرىنىڭ تارقىلىشىدىكى تەكشىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

   دىمەك، يەر ناملىرى بىر خىل ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسسى . ئۇلار بىر مىللەتنىڭ تىلىدا ھەر خىل مەدەنىيەت ئامىللىرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلسا ، ئەينى دەۋىردىكى شۇنداقلا يېقىن دەۋېرلەردىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ، دىنىي ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى، شۇدەۋىرلەردىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ھادىسلىرى توغرسىدا بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

ئىزاھلار

1. ‹1›، ‹2›، ‹3›، ‹4›، ‹5› ، ‹6›، ‹7›  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ، ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيىتى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 2002-يىل 8-ئاي

2. يەر ناملىرىنىڭ تۇرلىرىنى كۆرسەتكەندە ئېلىنغان مىساللاردىكى يەر ناملىرىنىڭ تەۋەلىكى ئاساسىي جەھەتتىن  ناھىيەلەرنى ئاساس قىلىپ ئېلىندى .  كەنت نامى بولسا ناھىيە نامىنىڭ ئاخىرىغا«كەنت»، يېزا نامى بولسا ناھىيە نامىنىڭ ئاخىرىغا« يېزا » ، مەھەللە  نامى بولسا «مەھەللە» دەپ قسقارتىپ ئېلىندى.

پايدىلانغان ماتىرىياللار

  1. ئابدۇرىشىت سابىتلار تۈزگەن ، خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1983-يىل 11-ئاي
  2. قۇربانجان ئابلىمىت نۇرۇزى، تاشمۇھەممەد ئابدۇراخمان  ، يەر ناملىرى ئىلمىى ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى ، 2000-يىل 1-ئاي
  3. قۇربانجان ئابلىمىت نۇرۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيسى ، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 1-ئاي
  4. ئابلىز ياقۇپ قاتارلىقلار تۈزگەن ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (قىسقارتىلمىسى) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1999-يىل 8-ئاي
  5. سادىق ھاپىز نەشرگە تەييارلىغان، قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1994-يىل 3-ئاي
  6. راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇر مازارلىرى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2001-يىل 8- ئاي.
  7. ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىل 1-ئاي.

 

مەزكۇر ماقالەم تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق1-سانىغا بېسىلغان.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: http://lopnuri.com/?p=141

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 6دانە
  1. ىز بىر تۇنۇشۇپ قالساق بوپتىكەن

  2. تەڭرىقۇت

    ئابدۇخىلىل راخمان ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمى خىلىلا چولتىكەن. بۇ يازمىنى تولۇق ئوقىمىدىن ئەمما “ئىسلام“ دىگەن سۆزنى مۇسۇلمان بولۇش ئىسلامغا كىرىش دەپ تەرجىمە قىپتۇ. شۇنىڭدىنلا چولتىلغىنى بىلدىم.
    “ئىسلام “ دىگەن ئەرەپچىدە “يىڭىلىنىش ، تىنچلىق“ مەنىسىدىكى سۆز. (يەنى ئىسلاھ دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش.)
    “مۇسۇلمان“ دىگەن “بويسۇنغۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى“ مەنىسىدە.
    “ئىمام“ بولسا “كۆرسەتكۈچى،باشلامچى “ مەنىسىدە.
    خەلققە توغرا مەلۇمات يەتكۈزمىسەك تەرەققىياتىمىز يەنە قانچە يىل كەينىگە سوزۇلۇپ كىتەر؟

    • بۇ مەن يازغان ماقالە، تەرجىمە ماقالە ئەمەس. مۇمكىن بولسا، تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى بەرگەن بولسىڭىز.

  3. تەڭرىقۇت

    كەچۈرسىز يازمىدىن قۇسۇر ئزدەش مەقسىدىم يوق ئەلۋەتتە. بىراق مەلۇماتنىڭ توغرىسىنى يەتكۈزۈش قەلەم ئىگىسىنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ بىلىمەن. بەزىدە تەنقىت قىلىشمۇ تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسى بولۇپ قالدۇ. يازمىنى تولۇق ئۇقۇدۇم. دىگەندەك شۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىدە خاتالىق باركەن. يەنە “ھاجى“ دىگەن گەپنى ئەرەبىستاندا ھەج قىلغىلى كەلگەنلەر ئۇچۇن “ھاج ې “يەنى “ھەج قىلغۇچى كىشى“ مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ دىنى پائالىيەت قىلغان كىشى ئۇچۇن بىر ئاتاق ئۇنۋان ھىساپلانمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئۇيغۇرلاردا ھەج ئىبادىتىنى قىلغانلىقى سۈپتىدە ھاجى نى قوشۇپ ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ قالغان. باشقا ئەرەپ مالاي تۈرۈك دۆلەتلىرىدە ھاجى ئۈنۋانى ئىشلىتىلمەيدۇ..

    • دېگىنىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق،مەنمۇ تەنقىدىي پىكىرنى ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ»دېگەن ھېكىمەتكە تولىمۇ ئىخلاسىم بار. سىز ئوتتۇرغا قويغان بىر قىسىم دىنى ئۇنۋانلارنىڭ ئىزھلىنىشىدا ھەقىقەتەن مېنىڭ چوقۇر مەلۇماتىم يوق. مەن بۇنى «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدىكى بىر پارچە مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىدىن پايدىلىنىپ ئالغان ئىدىم. قارىغاندا ئەرەبچە بىلمەسلىك تۈپەيلى بۇ خاتالىقنى سادىر قىلغان ئوخشايمەن. بۇ ھەقتە يەنە قايتا ئىزدىنىپ كۆرسەم بولغىدەك. سەمىمىي ئەسكەرتىشىڭىز ۋە ياردىمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: